- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى: كەلگۈسى بەش يىلدا مەملىكەت بويىچە 4مىليون 800مىڭ زەرەت تۈۋرۈكى قۇرۇلىدۇ
2015.11.18 18:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) تۆنۈگۈن دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى «توكلۇق ماشىنىلارغا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە تەرەققىيات كۆرسەتمىسى (2015-2020)» (تۆۋەندە كۆرسەتمە دەپ قىسقارتىلىدۇ) نى تارقاتتى، كۆرسەتمىدە 2020-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە 12مىڭ توپلاشتۇرۇلغان توكلاش-ئالماشتۇرۇش پونكىتى، 4مىليون 800مىڭ تارقاق زەرەت تۈۋرۈكى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، مەملىكەت بويىچە بەش مىليون توكلۇق ماشىنىنىڭ توكلاش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
توكلاش ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاساسلىقى ھەرخىل توپلاشتۇرۇلغان توكلاش-ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە تارقاق توكلاش تۈۋرۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 780توكلاش-ئالماشتۇرۇش پونكىتى، 31مىڭ تۇراقلىق-ئۆزگىرىشچان توك قاچىلاش تۈۋرۈكى قۇرۇلۇپ، 120مىڭدىن كۆپرەك توكلۇق ماشىنىغا توكلاش-ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلغان ئىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر