باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىددىي يۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋالغانلار خاتىرىسىنى ئۆلكە ھالقىپ يەتكۈزۈش كۈچەيتىلىدىغان بولدى

2015.11.18 18:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىددىي يۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، جايلاردىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىددىي يۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋالغانلار خاتىرىسىنى ئۆلكە ھالقىپ يەتكۈزۈشنى تېزلىتىشنى ھەم خەت يوللاش، تېلېفوندا ئۇقتۇرۇش، يان تېلېفونغا قىسقا ئۇچۇر يوللاش، ئېلېكتىرونلۇق يوللانما يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىلارغا خەۋەر قىلىپ، شوپۇرلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ج خ مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىددىي يۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ قاتناش تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، بۇنداق قىلمىشلارنى ئۇزاققىچە تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ. ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىددىي يۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتىدۇ، بىر تەرەپتىن، نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، قاتناشنى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىدە سۈرەتكە ئېلىۋېلىنغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىددىي يۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغان ئاپتوموبىل ئىگىسىگە خەۋەر قىلىدۇ ۋە باشقۇرغۇچىلارغا خەۋەر قىلىدۇ، ھەم بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق تەكشۈرۈش، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھاياتلىق يولىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەشتە مەدەنىي بولۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئۇ شوپۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قانۇنغا بويسۇنۇش، بەلگىلەنگەن يولدا مېڭىش، قىستاڭچىلىقتا قالغاندا سەۋرچانلىق بىلەن تەرتىپ بويىچە يول يۈرۈش، يول تالىشىپ مېڭىپ، جىددىي يۈرۈش يوللىرىنى ئىگىلىۋالماسلىق كېرەك. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى، باشقۇرغۇچىلار شوپۇرلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئادرېسىدا ئۆزگىرىش بولسا، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى ۋە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر