باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز كۆمۈر ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ

2015.11.20 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى كۆمۈر بايلىقى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خاۋفېڭنىڭ يېقىندا تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلىتىمىز نامۇۋاپىق كۆمۈر ئىستېمالىنى چەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈر ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئارقىدا قالغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش قەدىمىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، كۆمۈر ئىستېمالى ئىنقىلابىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  لى خاۋفېڭ يېقىندا جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2015 – يىللىق خەلقئارالىق كۆمۈر بايلىقى باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كۆمۈر سانائىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك چوڭ تەدبىرنى قوللىنىدۇ: بىرىنچى، كۆمۈرنى ئاساس قىلغان، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈرنىڭ پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر، توك بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە كۆمۈر، توك بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ئىنقىلابىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئىككىنچى، مەۋقەنى كۆمۈر كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، دۇنيا كۆمۈر تېخنىكىسى ئىنقىلابى يېڭى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، يېشىل ۋە تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا يۈزلىنىپ، تېخنىكا، كەسىپ، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، كۆمۈر تېخنىكا ئىنقىلابىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئۈچىنچى، كۆمۈرنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كۆمۈر بازىرى سودا سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ تۆتىنچى، كۆمۈر ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەر ۋە كۆمۈر ئىستېمال قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شيەنجېڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلىتىمىز كۆمۈر كەسپىي ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش مەزگىلى، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئامباردا ساقلانغان ئىستېمال مەزگىلى، مۇھىت چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش مەزگىلى، شۇنداقلا قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى مۇستەھكەم ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدىن ئىبارەت ‹‹تۆت مەزگىل تەڭ مەۋجۇت بولغان›› تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. كۆمۈر كەسپىدە مىقدارى، سۈرئىتى، يىرىك تىپتىكى تەرەققىيات يولىغا تايىنىپ تەستە داۋاملىشىشتىن جەزمەن سۈپەت، ئۈنۈم، تۈجۈپىلىككە تايىنىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىگە قاراپ يۈزلىنىش كېرەك. لېكىن ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، كۆمۈرنى ئاساسىي ئېنېرگىيە قىلىش ۋەزىيىتى يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن. ۋاڭ شيەنجېڭ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال نوپۇزلۇق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 2020 – ، 2030 – ، 2050 – يىلىغا بارغاندا، كۆمۈرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىرلەمچى ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىدىكى نىسبىتى ھازىرقى %66تىن %62، %55 ۋە %50 ئەتراپىغا تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، كۆمۈر ئىستېمالىدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەت 4 مىليارد 500 مىليون توننىدىن 4 مىليارد 800 مىليون توننىغىچە بولىدىكەن. دۆلىتىمىزدە كۆمۈرنىڭ بىرلەمچى ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدىكى نىسبىتى تۆۋەنلىسىمۇ، كۆمۈرنىڭ ئومۇمىي ئېھتىياج مىقدارىدا يەنىلا مۇۋاپىق ئېشىش ساقلىنىدۇ. كۆمۈرنىڭ پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوللىنىلىش تېخنىكىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى، قوللىنىلىشى ۋە كەسىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆمۈر سانائىتى يەنىلا بىر قەدەر زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر