باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆز پۇلىغا ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىش ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ

2015.11.20 15:31        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق كىرىمىگە ئالىي ئاپتوموبىل، داڭلىق ماركىلىق سائەت سېتىۋالسا پارتىيە ئىنتىزام جازاسى نىزامى بويىچە جازالىنامدۇ – يوق؟ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۈن 18 – نويابىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنداق قىلمىشلار روشەنكى، ئۇلار تۇرغان شۇ جاينىڭ نورمال تۇرمۇش ئىستېمال سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ھەم ئاممىنىڭ قەلبىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى كەيپىيات ۋە سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشقا تېگىشلىك ياخشى ئوبرازىنى بۇزىدۇ. شەخسىي تۇرمۇشىنى بۇنداق بىر تەرەپ قىلىدىغان پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرماي، سۈرۈشتۈرمەي بولمايدۇ.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى››نىڭ 126 – ماددىسىدا ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىپ، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىپ، پەس – چاكىنىلىققا ئىنتىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىش ئاساسلىقى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىدە تەلەپ قىلىنغان ‹‹جاپا – مۇشەققەتتە ئالدىدا، راھەت – پاراغەتتە كەينىدە تۇرۇش›› بۇرچى ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك – تەلەپچان بولۇش مىزانى››دىكى ‹‹ئىقتىسادچىل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىق›› تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەشەمگە بېرىلىپ، سۆلەتۋازلىق قىلىش، ھە دېسىلا پۇلنى پاخالدەك بۇزۇپ – چېچىش، ئامما تەنقىد قىلغان ئۆزىنى كۆز – كۆز قىلىشقا ئامراق پۇلدارلارچە قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشى شۇ يەردىكى نورمال تۇرمۇش، ئىستېمال سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىدۇ.

  جاڭ جۈن ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يۇقىرىدا ئېيتىلغان راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك قىلمىشلىرى ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن يۇقىرى ئۆلچەمدە ياكى بەدخەجلىك بىلەن ئىستېمال قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە، ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ ئالدىن بېيىغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئامما تامامەن توغرا چۈشىنىدۇ، لېكىن ھەددىدىن زىيادە ھەشەمەتچىلىك قىلىنسا، ئامما ۋە جەمئىيەتتىكىلەر ئۆزىنىڭ باھالاش ئۆلچىمى بويىچە ئۇلارنى پارتىيە ئەزاسىغا ئوخشىماي قالدى، دەپ قارايدۇ. شەخسىي تۇرمۇشىنى بۇنداق بىر تەرەپ قىلىدىغان پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرماي، سۈرۈشتۈرمەي بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر