باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر بىر مو يەرنىڭ سۇغۇرتا ھەققىگە مالىيەدىن ٪80 تولۇقلىما بېرىلىدۇ، كىشىلەر پەقەت تۆت، بەش يۈەن تاپشۇرسىلا بولىدۇ

نېمىشقا ئاشلىقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغۇم كەلمەيدۇ

2015.11.24 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.

  «ئاشلىقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى سىياسىتى. دۆلەت ۋە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ سىياسەت بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ يىل ھەر بىر مو بۇغداينىڭ سۇغۇرتا ھەققى 27 يۈەن، كۆممىقوناقنىڭ 20 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك مالىيە جەمئىي ٪80 تولۇقلىما بېرىدۇ، كىشىلەر پەقەت ٪20، يەنى تۆت، بەش يۈەن تاپشۇسىلا بولىدۇ»

  بۇنداق ياخشى سىياسەت نېمىشقا ئالقىشلانمايدۇ؟

  دېھقانلارنىڭ سۇغۇرتا ئېڭى تۆۋەن بولۇپ، تۆلەم نىسبىتىنى ئاز، تۆلىتىش رەسمىيەتلىرىنى ئاۋارىچىلىك كۆرىدۇ

  مۇخبىر مەلۇم كەنتتە زىيارەتتە بولۇپ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى تىلغا ئالغىنىدا نۇرغۇن دېھقانلار «بىر مو يەردىن زىيان تارتساق بوپتۇ» دېيشتى. ئۇلار بەلكىم ئاڭلاپ باققانلا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كونكرېت سىياسەت ۋە سۇغۇرتىغا قاتنىشى تەرتىپىنى بىلمەسلىكى ياكى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. خېنەن ئۆلكىلىك يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى بۇغداينى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان دېھقانلار ٪21.2، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان يەر كۆلىمى ٪28.5؛ كۆممىقوناقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان دېھقانلار ٪11.3، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان يەر كۆلىمى ٪16.8 بولغان.

  تۆلەم نىسبىتى ئاز، تۆلىتىش رەسمىيەتلىرى ئاۋارىچىلىك بولۇش نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشماسلىقىنىڭ سەۋەبى. «سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، بىر مو بۇغدايغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 447 يۈەن بېرىلىدۇ، لېكىن ئاپەتكە ئۇچرىمىسا بىر مو بۇغدايدىن ئاز دېگەندە 1000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ». پىڭدىڭشەندىكى بىر دېھقان بۇلتۇر بۇغدىيىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ، قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى قىسمەن يەردىكى بۇغدايلىرى زىيانغا ئۇچرىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغان ۋاقىتتا كەنت كادىرلىرى پۇلنى ئۆيگە كېلىپ ئالىدۇ. لېكىن سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم تۆلەيدىغان ۋاقىتتا، رەسمىيەتلىرى ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق بولۇپ، نەچچە قېتىم بېرىپ كېلىپ، ئاخىرىدا ئىككى ئايدىن كۆپرەك ساقلاپ بىر ،مو يەردىن ئاران 200 نەچچە يۈەن تۆلەم ئالدىم.

  كەنت ئاھالىسى ۋاڭ مىن مۇخبىرغا بۇ يىل ھېچقانداق يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭغا سەرپ قىلغىدەك بوش ۋاقتىم يوق. سۇغۇرتا شىركىتىگە بېرىپ چۈشەندۈرۈپ يۈرگەندىن بىر، ئىككى كۈن چىقىپ ئىشلىگىنىم ياخشى.

  ليۇ مىڭشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا سىياسىتى پەقەت يەردىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ يەنى ئۇرۇق، ئازوت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخىنىغىلا تۆلەم بېرىدۇ، ئادەم كۈچىنىڭ تەننەرخى، شۇ پەسىللىك دارامەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، شۇڭا بىر مو يەرگە ئەڭ كۆپ دېگەندە 447 يۈەن تۆلەم بېرىدۇ. بۇ تېخى ھېچقانداق ھوسۇل ئالالمىغان شارائىتتىكى ئەھۋال، ئەگەر ھوسۇل ئالغان بولساق، زىيانغا ئۇچراش نىسبىتىنى ھېسابلاپ بىر مو يەرگە ئىككى، ئۈچ يۈز يۈەنلا تۆلەم بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە خېنەن ئۆلكىسىدىكى تارقاق يەككە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە تېرىش كۆلىمى پەقەت بىر مودىن كۆپرەك بولۇپ، دارامىتى ئانچە كۆپ ئەمەس، شۇڭا بۇنىڭغا يەنە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشنى خالىمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر