باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9000 نەچچە رەھبىرىي كادىر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، قول ئاستىدىكىلىرىنى ياخشى باشقۇرمىغانلىقى ئۈچۈن بېشىغا بالا تاپتى

2015.11.24 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئائىلە تاۋابىئاتلىرى توپلىشىپ قىمار ئوينىسا پەرۋا قىلماسلىق، قول ئاستىدىكىلىرى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلسا كارى بولماسلىق، بەنزە ئەزالىرى كوللېكتىپ خىيانەت قىلىش ..... ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە قول ئاستىدىكىلىرىنى باشقۇرالمىغان رەھبىرىي كادىرلار ئەمدى دىققەت قىلىشى كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلىدىن 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە 9000 دىن ئارتۇق رەھبىرىي كادىر پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ «سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى»، «نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن.

  جايلار «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈپ چىقتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتتى، بولۇپمۇ «تۆت خىل خاھىش» مەسىلىسى گەۋدىلىك خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك دېلوسى بايقالغان تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى مىزانى»دا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىقلارغا جازا بېرىش بەلگىلەندى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: جاۋابكارلىقنى سۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش −− پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تورى قۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر