خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ خەۋىرى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەكەن ناھىيەسىدىكى يازغۇچى – شائىرلار پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت فاڭجىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلاملارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇرمۇش ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ياقتۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. بۇ ناھىيەدىن ھازىرغىچە بەش نەپەر يازغۇچى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك «تۇلپار» ئەدەبىيات مۇكاپاتى، «تارىم» ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «غەربىي دىيار ياش يازغۇچىلىرى مۇكاپاتى»، «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 25 نەپەر كىشى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى. يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدىلا ئۇلار يازغان، تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان كىتابلار 14 پارچىغا، نەشرىياتلارغا تاپشۇرغان كىتابلىرى 20 پارچىغا يەتتى.
سۈرەتتە: يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ئايۇپ قۇربانى ئۆزىنىڭ يېڭى يازغان رومانى ئۈستىدە جىددىي ئىشلىمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى