خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-نويابر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بورتالا ساقچى تەرەپ بىر پەۋقۇلئاددە چوڭ زەھەر ئېلىپ- سېتىش دېلوسىنى ئوڭۇشلۇق پاش قىلىپ جەمئىي25.32 كىلوگرام زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن.
2-نويابر، بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى بىلەن بورتالا ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى بىرلىشىپ بەش ئايدىن ئارتۇق ئەتراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق بىر زەھەر توشۇش. ئېلىپ- سېتىش دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 11-نويابر، بورتالا ساقچى تەرەپ بىر مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن. سىچۈەندە تۇرىدىغان جاۋ × قاتارلىق كىشىلەر سىچۈەندىن كۆپ مىقدارلىق زەھەرنى توشۇپ ئۈرۈمچىگە ساتقىلى كەلگەن ئىكەن. ساقچىلارنىڭ ئەتراپلىق رازۋېدكا قىلىشى نەتىجىسىدە، جاۋ × قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىزى ۋە سودا ئەھۋالىنى پەيدىنپەي ئېنىقلىغان. ساقچى تەرەپ 2-نويابر سائەت 13 لەردە، ئۈرۈمچى ساڭفاڭگۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا، نەق مەيداندا 4 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، 25.32 كىلوگرام كرىستال زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ بورتالا ئوبلاستى تارىختىن بۇيانقى قولغا چۈشۈرگەن زەھەر مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان بىر دېلو بولغان.
سوراق قىلىش ئارقىلىق، 4 جىنايەت گۇماندارى بىردەك زەھەر ئېلىپ سېتىش پاكىتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. ھازىر بۇ 4 كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى