باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش-تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇلدى

2015.11.24 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇلغانلىقى ۋە ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى22- نويابىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەركەز بۇنىڭدىن كىيىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى پۇقرالار ئارىسىدا يۈرەك - ئۆپكە قىسىمىنى بېسىپ قۇتقۇزۇش تېخنىكىسى قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنى ئازايتىپ، دوختۇرخانىغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۈلۈپ كىتىش نىسبىتى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىدۇ.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش تەربىيىلەش مەركىزى مەسئۇلى پىڭ پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جىددىي كۈتۈلمىگەن زەخىم ۋە كېسەل يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپكى 10مىنۇت جىددىي قۇتقۇزۇش بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى.ئەمما بۇ بىرۋاقىتتا تىببى خادىملار كۆپىنچە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ بۇلالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك - ئۆپكە قىسىمىنى بېسىپ قۇتقۇزۇش تېخنىكىسى، قاننى توختىتىپ تېڭىش قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئامما ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئۈچۈن يۈرەك - ئۆپكە قىسىمىنى بېسىپ قۇتقۇزۇش تېخنىكىسى بىر تۈرلۈك مەشغۇلات قىلىش ئاددىي، ئالاھىدە ئەسۋاب بولمىسىمۇ بولىدىغان قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى. ئامما ئارىسىدا يۈرەك - ئۆپكە قىسىمىنى بېسىپ قۇتقۇزۇش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىمارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق بىلىملەرنى بىر نەچچە سائەتتىلا ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ مەركەز ئاپتونوم رايون بويىچە بىردىنبىر ھوقۇقلۇق تەربىيىلەش مەركىزى بۇلۇپ، بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە باشلاپ، 200ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيىلەش ئېلىپ باردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر