باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە زۇڭتۇڭى شۇ چىلىياڭ بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.20 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 17- نويابىر موسكۋادا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگو مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇ چىلىياڭ بىلەن كۆرۈشتى. شۇ چىلىياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى بىلەن ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى، پۇتىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەمدە رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ سەمىمىي سالىمىنى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەمنۇن. ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ، قىسىملارنىڭ مەشىق قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شۇ چىلىياڭ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو، رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە بىر بىرىگە ئىشىنىش ئۈستۈنلۈكىنى مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش، رايون تىنچلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر