- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
27-نويابردىن باشلاپ بېيجىڭدا سىرتتىن كەلگەن ئاپتوموبىل ھەر كۈنى سائەت 6دىن 22گىچە ئىككىنچى ئايلانما يولى چاڭئەن كوچىسىغا چىقىشى مەنئىي قىلىنىدۇ
2015.11.20 15:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بېكىتىدە بۈگۈن« شەھەردىكى بىر قىسىم يوللارغا قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. « ئۇقتۇرۇش» دا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قاتار قاتناش تىزگىنلەش تەدبىرلىرى 27-نويابردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن، سىرتتىن كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ھەر كۈنى سائەت 6دىن 22گىچە ئىككىنچى ئايلانما يول( ئاساسىي يول)دا يۈرۈشى مەنئىي قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، چاڭئەن كوچىسىدىن خەلقئارا سودا بىناسىغىچە ۋە شىنشىڭ كۆۋرۈكى ئوتتۇرىسىدىكى يول بۆلىكى، يەنە تيەنئەنمېن ئەتراپىدىكى يول بۆلىكىدىمۇ، ھەر كۈنى سائەت 6 دىن 22 گىچە سىرتتىن كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى مەنئىي قىلىنىدىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر