باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر قاتار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2015.11.20 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى

  ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، جامائەت كەيپىياتىنى ساپلاشتۇرۇش ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك


  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 81 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن «31 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بىر قاتار سۆھبەت يىغىنىنىڭ 2 - مەيدان يىغىنى −− ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي تەرەققىيات ساھەسى «31 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى خىزمەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتنىڭ ئەڭ قىيىن نۇقتىسىمۇ مۇشۇ ساھەدە، ئالاقىدار تارماقلار فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ «31 - بەش يىل»دا سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىستىلىدا دۇرۇس بولۇپ، جامائەت كەيپىياتىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، پەن - تېخنىكا نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مەدەنىيەت نازارىتى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «12 - بەش يىل»دىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، قىيىنچىلىقلار ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ساھەسىدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكلىپ - پىكىر بەردى.

  جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك دوكلاتنى ئەستايىدىل، سۈپەتلىك تەييارلاپتۇ، كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ - پىكىرلەرنى رەتلەپ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندا پايدىلىنىمىز.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا موھتاج، بۇ ھەم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ.

  بىرىنچى، پاك - ئىنتىزامچان بولۇپ، چىرىكلىشىشنى چەكلەش. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇمىيۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى نايامان قىلدى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىر مەزگىلگىچە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم ئارزۇسى بولۇدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشكە، شۇنداقلا شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەقىقىي تۈردە پاك - ئىنتىزامچان بولۇپ، پاك، ئادىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى شىنجاڭ بويىچە يۇقىرى - تۆۋەننىڭ ئاكتىپ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىنتىزام قانۇندىنمۇ قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش. شىنجاڭدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ئىنتىزام قانۇندىنمۇ قاتتىق بولۇش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى، پارتىيە ئەزالىرى ئالدى بىلەن پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك. يېقىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - ئىنتىزامچان بولۇش مىزانى»نى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى تارقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىدىكى تەلەپلەرنى چۆرىدەپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرى چېقىلىشقا بولمايدىغان «تۆۋەن چەك»نى كۆرسىتىپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار «مىزان» ۋە «نىزام»نى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئىنتىزام، قائىدە ۋە بەلگىلىمىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئىنتىزامنىڭ «تۆۋەن چېكى»نى ساقلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەش، يۆنىلىشنى توغرىلاش. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جياۋ يۈلۇنى ئۈلگە قىلىپ، جياۋ يۈلۇ روھىدىن ئۆگىنىشى كېرەك. ئۆلچەمنى يۇقىرى بېكىتىپ، توغرا ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، جامائەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايوننىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ئىقتىسادىي پىلان بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىجتىمائىي پىلان، «ئىككى مەدەنىيلىك»نى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى

  بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل»دىكى خىزمىتىگە يېتەكچى قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 18 - نويابىر چۈشتىن كېيىن «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بىر قاتار سۆھبەت يىغىنىنىڭ 3 - مەيدان يىغىنى −− ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل»دىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچى قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئىشخانىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى، سودا نازارىتى، ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئاجىز نۇقتىلارنى يىغىنچاقلاش ئاساسىدا قاراتمىلىقى بار تەكلىپ - پىكىرلەرنى بېرىپ، شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل»دىكى ئىقتىسادىي خىزمەتلىرىگە ئەقىل كۆرسەتتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، پەن - تېخنىكا نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مەدەنىيەت نازارىتى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «12 - بەش يىل»دىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، قىيىنچىلىقلار ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ساھەسىدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكلىپ - پىكىر بەردى.

  جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك دوكلاتنى ئەستايىدىل، سۈپەتلىك تەييارلاپتۇ، كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ - پىكىرلەرنى رەتلەپ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندا پايدىلىنىمىز.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا موھتاج، بۇ ھەم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ.

  بىرىنچى، پاك - ئىنتىزامچان بولۇپ، چىرىكلىشىشنى چەكلەش. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇمىيۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى نايامان قىلدى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىر مەزگىلگىچە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم ئارزۇسى بولۇدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشكە، شۇنداقلا شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەقىقىي تۈردە پاك - ئىنتىزامچان بولۇپ، پاك، ئادىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى شىنجاڭ بويىچە يۇقىرى - تۆۋەننىڭ ئاكتىپ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىنتىزام قانۇندىنمۇ قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش. شىنجاڭدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ئىنتىزام قانۇندىنمۇ قاتتىق بولۇش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى، پارتىيە ئەزالىرى ئالدى بىلەن پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك. يېقىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - ئىنتىزامچان بولۇش مىزانى»نى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى تارقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىدىكى تەلەپلەرنى چۆرىدەپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرى چېقىلىشقا بولمايدىغان «تۆۋەن چەك»نى كۆرسىتىپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار «مىزان» ۋە «نىزام»نى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئىنتىزام، قائىدە ۋە بەلگىلىمىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئىنتىزامنىڭ «تۆۋەن چېكى»نى ساقلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەش، يۆنىلىشنى توغرىلاش. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جياۋ يۈلۇنى ئۈلگە قىلىپ، جياۋ يۈلۇ روھىدىن ئۆگىنىشى كېرەك. ئۆلچەمنى يۇقىرى بېكىتىپ، توغرا ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، جامائەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايوننىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ئىقتىسادىي پىلان بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىجتىمائىي پىلان، «ئىككى مەدەنىيلىك»نى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر