باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ قۇرال ياراقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى

2015.11.20 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كىيىن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى 18- نويابىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەۋەسىدە قۇرال ياراقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ تەدبىرلەرنى قوللىنىشىدىكى مەقسەت جىنايەتچىلەر بىلەن تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ قورالغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، قانۇنلۇق ئېرىشكەن قوراللارنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش، ھەمدە قۇرال ياراغلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ھازىر بار بولغان قوراللارنى باشقۇرۇش قانۇنىغا توزۇتۇش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى يەنە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كېرەكسىز قوراللارنى باشقۇرۇشنى بىر تۇتاش كۈچەيتىش بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بەلگىلىمە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنىپ ئۇچ ئايدىن كىيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر