باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە تېررورچى گۇمانداردىن سەككىزنى قولغا ئالدى بىراق پەردە ئارقىسىدىكى ئاساسلىق گۇماندار تېخى قولغا چۈشمىدى

2015.11.20 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ تەپتىش ئەمەلدارى 18- نويابىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، شۇ كۈنى فىرانسىيە ئالاھىدە قىسىملىرى پارىژ شەھەر ئەتراپىدىكى رايوندا ئىلىپ بارغان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىدە 8 تېررورچى گۇماندارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 13- نويابىر پارىژدا يۈز بەرگەن بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى ئابدۇل خەمىت ئاباۋۇنىڭ يوقلىغىنى جاكارلىدى.

  فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ ئابدۇل خەمىت ئاباۋۇ بىلەن سالاھ ئابدۇل سالامنىڭ 18- نويابىردىكى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە ئېتىپ تاشلانغان تاشلانمىغانلىقىنى يەنىلا تەكشۈرمەكتىكەن. تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتا، تېررورچى شايكىلار يوشۇرۇنۇۋالغان بىنانىڭ بىر قىسىمى ۋەيران قىلىنغان، ساقچى تەرەپ خارابە ئىچىدە يېڭى جەسەت بايقىلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر