باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى 10 ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا تېز يەتكۈزۈش خالتىسى 58 مىليون 30مىڭغا يەتتى

2015.11.20 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل شىنجاڭدىكى تېز يەتكۈزگۈچىلەر بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا ئىدارىسىنىڭ سىتاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە: بۇ يىل1-ئايدىن 10-ئايغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە تېز يوللانما كەسىپ مىقدارى جەمئىي 58 مىليون 30مىڭ 290 نى تاماملىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.54 ئۆسكەن؛ كەسپىي كىرىم جەمئىي979مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.87 ئۆسكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا ئىدارىسىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە بىر شەھەردىكى تېز يەتكۈزۈش كەسپىي كىرىمى جەمئىي 51مىليون 391مىڭ 400يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.99ئۆسكەن. باشقا جايغا تېز يەتكۈزۈش كەسپىي كىرىمى جەمئىي 729مىليون 943مىڭ 900 يۈەنگە يېتىپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.48 ئۆسكەن. خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كەسپىي كىرىمى جەمئىي 16مىليون 70مىڭ 680 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 20.94%ئۆسكەن. ئوخشاش شەھەر ئىچىدە، باشقا جاي، خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە باشقا تېز يەتكۈزۈش كەسپىي كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېز يەتكۈزۈش كىرىمىنىڭ % 5.25، 74.57%، % 1.64 ۋە 18.54%نى ئىگىلىگەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر