باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت دەرسىنىڭ ئىمتىھان ئۆتكىلى چىڭىتىلدى

2015.11.20 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ساپا مائارىپىنى كۈچەيتىش، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى، ئىستېتىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۈش، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى دەرسلىكلەرنى ئىلمىيلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى «تولۇقسىزنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيە سىناش تەنتەربىيە ئىمتىھانى لايىھەسى» ۋە «تولۇقىسزنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەت سەۋىيەسىنى باھالاش يېتەكچى پىكرى»نى بېسىپ تارقاتقان.

  كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيە سىناش تەنتەربىيە ئىمتىھانى ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك سىناق ۋە جەريان خاراكتېرلىك سىناقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سىناق نەتىجىسى تۆت دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، نەتىجىسى 75 نومۇردىن تۆۋەن بولسا لاياقەتىسز ھېسابلىنىپ، شۇ ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدىكەن. گۈزەل سەنئەت سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانىمۇ ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك سىناق ۋە جەريان خاراكتېرلىك سىناقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. نەتىجىسى تۆت دەرىجىگە ئايرىلىپ، 75 نومۇردىن تۆۋەن بولسا لاياقەتسىز دەپ قارىلىپ، شۇ ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە تەۋەلىكتىكى مەكتەپلەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە، مۇزىكا، رەسىم قاتارلىق دەرسلىكلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىشىنى، بۇ دەرسلىكلەرنى ھەرگىز قوشۇمچە دەرس قاتارىدا كۆرمەي، ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر