باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خۇ ياۋباڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما» نەشر قىلىندى

2015.11.20 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەھرىرلەش ھەيئىتى تەھرىرلىگەن «خۇ ياۋباڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما» خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

  بۇ تاللانما ئەسەرگە يولداش خۇ ياۋباڭنىڭ 1952-يىلى 5-ئايدىن 1986-يىلى 10-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇھىم ئەسىرىدىن 77سى ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماقالىسى، قىلغان سۆزى، دوكلاتى، سۆھبىتى، يوليورۇقى، خېتى، بېغىشلىمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قىسمەنلىرى تېخى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەردە يولداش خۇ ياۋباڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ۋە مۇھىم ئىدىيە-قاراشلىرى مەركەزلىك ئىپادىلىنىپ، يولداش خۇ ياۋباڭنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسى، خەلقىنى قەلبىگە پۈككەنلىكىدەك ئالىيجاناب پەزىلىتى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دادىللىق بىلەن يول ئېچىشتەك ئىزدىنىش روھى، ئادىل، پاك-دىيانەتلىك بولۇشتەك ياخشى ئىستىلى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر