باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تۇنجى تەييار ماي تور سودا سۇپىسى ئېچىۋېتىلىدۇ

2015.11.20 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- نويابىر ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە تورىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، B 2 Bئەندىزىسى بويىچە تەييار ماي سېتىلىدۇ. بۇ مەملىكەت بويىچە تۇنجى تەييار ماي تور سودا سۇپىسى بۇلۇپ، شىنجاڭ تەييار ماي سودىسىدا «ئالاقە تورى + ئېنىرگىيە » يېڭى ئەندىزىسىنىڭ سىناق قىلىپ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  18- نويابىر كەچ سائەت 6دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ سېتىش شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تاۋار سودا مەركىزى ئۈرۈمچىدە « تەييار ماي تور سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى »نى ئىمزالىدى. ساتقۇچى ۋىۋىسكا ئېسىپ سودا قىلىش شەكلى بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تاۋار سودا مەركىزى قارمىقىدىكى سودا سۇپىسى ــ « ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىرگىيە تورى »دا 93 - نومۇرلۇق، 97 - نومۇرلۇق بېنزىن ( دۆلەت 4 - نومۇرلۇق) ۋە 0 - نومۇرلۇق، 20 - نومۇرلۇق، 35 - نومۇرلۇق، دۆلەت 50 - نومۇرلۇق دىزېلنىڭ (دۆلەت 4 - نومۇرلۇق) ، يەنە 0 - نومۇرلۇق سالياركا ۋە سىلىقلاشتۇرۇش مېيى قاتارلىق تەييار مايلارنى توردا سېتىپ، تەييار ماي توپ ساتىدىغان كارخانىلار ۋە خېرىدارلارنىڭ تەييار ماي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، تور سودا سۇپىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، تەييار ماي سودىسىدا توپ سېتىش سودىگەرلىرى، ماي قاچىلاش پونكىتى، خېرىدارلار بىلەن ھەمتۈرتكە بۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، مۇكەممەل ۋە ئۈنۈملۈك بولغان خېرىدار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خېرىدارنىڭ ئادىتى ۋە قىزىقىشىنى قېزىپ چىقىپ، ھەمدە شۇنىڭغا ئاساسەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە نىسبەتەن قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ پ، تېخىمۇ ئاكتىپ قىياپەت بىلەن جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر