باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«يىپەك يولى ساغلاملىق مۇنبىرى−−ساغلاملىق كەسپى يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

2015.11.20 15:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالىنىشنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن، «تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش» تېمىسىدىكى «يىپەك يولى ساغلاملىق مۇنبىرى −− ساغلاملىق كەسپى يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە يىغىنى» 18 - نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق دوختۇرخانىلارنىڭ، تېببىي دورا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇ سۇپىدا داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش سىياسىتى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بازىرى، داۋالاش ئۇچۇرى قۇرۇلۇشى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق مەزمۇنلار مۇنازىرىلەشتى.

  داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش −− يىپەك يولى بەلبېغىنى بويلىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تەسىرگە ئىگە.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى باشلامچى بولۇپ، رايون داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى مەخسۇس يىرىك پىلانى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى پائال بىرىكتۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى زورايتىشنى تېزلەتتى. يىپەك يولى بەلبېغى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «13 - بەش يىل»دىكى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانى، بىز مۇشۇ نىشاننى چۆرىدەپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە ساغلاملىق كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان داۋالاش مۇلازىمىتى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركىزىي شەھەرنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

  نەق مەيداندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئۇچۇر سۇپىسى نامايان قىلىندى، شۇنداقلا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش رامكا كېلىشىمى»، «ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش رامكا كېلىشىمى» قاتارلىق سەككىز تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر