باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى ئامما ئەتراپىدىكى ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 131نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2015.11.19 13:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 12 – نويابىر ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغان ئامما ئەتراپىدىكى ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 131 نى ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ مەزكۇر تور پونكىتىنىڭ ئامما ئەتراپىدىكى ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى ئۇدا 5 – قېتىم ئومۇمىي ئوقتۇرۇش قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، پارا ئېلىش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوۋغات بۇيۇملىرى، سوۋغات پۇلى ئېلىش، يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش، مالىيە – ئىقتىساد ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، ئۆز ئالدىغا ‹‹كىچىك خەزىنە›› قۇرۇش، ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ قانۇن ئىجرا قىلىش، قالايمىقان ھەق يىغىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، مەمۇرىيەتتە كەلسە – كەلمەس ئىش قىلىش، خىزمەت ئىستىلى قوپال بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ئاساسىي قاتلامدا ساقلانغان ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە چىرىكلىك قاتارلىق مەسىلىلەر خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، پارتىيە بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى، كادىرلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىماقتا. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرماي، يان باسماي، تىپىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋاللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم چۈشۈرۈپ، جايلارنىڭ ئامما ئەتراپىدىكى ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش خىزمەت سالمىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر