- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
80% فىرانسىيەلىك بىخەتەرلىك ئەركىنلىكتىن تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارىدى
2015.11.19 13:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
17- نويابىر ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %80 فىرانسىيەلىك تېخىمۇ بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش تەدبىرىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاتاقلىق ئەل رايىنى تەكشۈرۈش شېرىكىتى بولغان فىرانسىيە جامائەتلىك تەتقىقات ئورنى 16- نويابىر ئېلان قىلغان 18 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ فىرانسىيەلىك 910 پۇقرا ئارىسىدا بىر قېتىملىق ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى. 17- نويابىر ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كىيىن، %84 فىرانسىيەلىك، تېخىمۇ ياخشى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈشنى ھەمدە ئەركىنلىك چەكلىمىسىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر