باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنىيا بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.17 13:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-نويابىر تۈركىيەنىڭ ئانتالىيادا مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنىيا بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-نويابىر تۈركىيەنىڭ ئانتالىيادا مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنىيا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-مېكسىكا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش سىياسىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، مېكسىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىنى سىجىل ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە يۇقىرى قاتلامنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىشى؛ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىدىكى تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-مېكسىكا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بارغانچە ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئومۇميۈزلۈك تەسىرگە ئىگە بولماقتا. جۇڭگو تەرەپ مېكسىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىشلىرى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرى ھەمكارلىقى، 2030-يىللىق سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى قاتارلىقلاردا يېقىندىن ھەمكارلىشىشىنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر