پويىز خىزمەتچىلىرى 16- نويابىر ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا ماڭغان D2702-قېتىملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىدا شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 16- نويابىر شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى كۈتۈۋالدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئلتۇرۇپ سىرتقا چىقىش تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى تاللىشى بۇلۇپ قالدى. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە،2015-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا توشۇلغان يولۇچىلار 4مىليون270مىڭ ئادەم قېتىم، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى تەۋەسىدە توشۇلغان يولۇچى1مىليون960مىڭ ئادەم قېتىم، بارىدىغان پويىزدا توشۇلغان يولۇچى 2مىليون 310مىڭ مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى