باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم پويىزلارنىڭ بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

2015.11.17 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى يولۇچى توشۇش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە،2015-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ بىر قىسىم پويىزلارنىڭ بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بۇلۇپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق بېلەت زاكاز قىلىش (يانفۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاز قىلىش، بېلەت سېتىش كۆزنىكىدىن بېلەت زاكاز قىلىش (ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) قاتارلىق ئۈچ خىل شەكىل بىلەن بېلەت زاكاز قىلغىلى بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن پويىزلار: 2016-يىلى1-ئاينىڭ10-كۈنى (پويىز قاتناش باشلانغان كۈن) دىن ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شىنىڭ، لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىغا بېرىپ - كېلىدىغان پويىزلارنىڭ بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؛ 2016-يىلى1-ئاينىڭ 8-كۈنى (پويىز قاتناش باشلانغان كۈن)دىن ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنى باش ۋە ئاخىرقى بېكەت قىلىدىغان ئىچكىرىگە ۋە شىنجاڭ ئىچىگە قاتنايدىغان (دىنامىكىلىق تىز پويىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پويىزلارنىڭ بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىر قىسم پويىزلارنىڭ بېلىتى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى پويىزلار: 2016-يىلى1-ئاينىڭ9-كۈنىدىن باشلاپ ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئالاتاۋ - ئۈرۈمچى 5802 – قېتىملىق پويىز، بېيتۈن شەھىرى – ئۈرۈمچىK9792- قېتىملىق پويىز؛ 2016-يىلى1-ئاينىڭ10-كۈنىدىن ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈرۈمچى - ئالاتاۋ5801 -قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى - بېيتۈن شەھىرىK9791- قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى بىلەن كۈيتۈن K9752 \K9751- قېتىملىق پويىز.بىۋاستە بارىدىغان پويىزلار: 2016-يىلى1-ئاينىڭ8-كۈنىدىن باشلاپ ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى- چېڭدۇ K454/1- قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ـ كۇنمىڭ K1504/1 -قېتىملىق پويىز؛ 2016-يىلى1-ئاينىڭ9-كۈنىدىن ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى چېڭدۇ - ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى K452/3 –قېتىملىق پويىز، كۇنمىڭ - ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى K1502/3-قېتىملىق پويىز؛2016-يىلى1-ئاينىڭ10-كۈنىدىن ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى چېڭدۇ - ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى K2058/9-قېتىملىق پويىز بېلىتى. يۇقىرىقى پويىزلارنىڭ بېلىتى بېلەت سېتىش ۋاقتى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

  يولۇچىلارنىڭ ھەر قايسى بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشىنى ياكى تۆمۈر يول يولۇچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى12306غا تىلفون قىلىپ سۈرۈشتە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر