باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئوكىناۋانىڭ ھاكىمى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

2015.11.18 11:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ھۆكۈمىتى 17-نويابىر فۇكۇئوكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ناخا شۆبىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئوكىناۋانىڭ ھاكىمى يۇشىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېڭې بازىسىدا ئىش باشلاشنى توختىتىشقا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش سىياسىي پەرمانى قانۇنغا خىلاپ دەپ ھۆكۈم قىلىپ، زېمىن قاتناش ۋەزىرى ئىشىيى كىيىچىنىڭ ۋاكالىتەن بۇ سىياسىي پەرماننى بىكار قىلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ ئوكىناۋا بىلەن ياپونىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بازا قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ئەدلىيە تالاش-تارتىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ياپونىيە يەرلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسەن، ئەگەر ياپونىيە ھۆكۈمىتى دەۋادا ئۇتۇپ چىقسا، زېمىن قاتناش ۋەزىرى ئوكىناۋا ھاكىمىنىڭ ئورنىدا «توختىتىش بۇيرۇقى» ئىناۋەتسىز دەپ پەرمان چۈشۈرۈپ، يېڭى بازا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ 15 كۈن ئىچىدە سوتقا چىقىپ تۇنجى قېتىم ئېغىزاكى مۇنازىرە قىلىدۇ، شۇ چاغدا ئۇكىناۋانىڭ ھاكىمى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر