باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بومبا تەھدىتىگە ئۇچرىدى ، كىشىلەر جىددىي تارقىتىلدى

2015.11.17 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 16-نويابىر تارقاتقان جىددىي ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، دەلىللەنمىگەن بومبا تەھدىتى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى تەسىرىگە ئۇچرىغان تۆت بىنادىكى كىشىلەر جىددىي تارقىتىۋېتىلگەن.

  خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 16-نويابىر چۈش سائەت 12:52دە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدە ئەڭ يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز بىر دەلىللەنمىگەن بومبا تەھدىتى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كامبىرىج مەكتەپ رايونىدىكى پەن-تەتقىقات مەركىزى، بۇددا بىناسى، ئىمېرسون بىناسى، سېئارل سارىيىدىن ئىبارەت تۆت بىناغا چېتىلىدىكەن. بۇ تۆت بىنادىكى كىشىلەر تارقىتىۋېتىلدى. قانۇن ئىجراچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. ھەر قانداق كىشىنىڭ مەكتەپ رايونىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى سائەت 12:31دە بۇ تۆت بىنانىڭ بومبا تەھدىتى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر مەكتەپ تور بېكىتى، ئېلخەت ۋە ئاۋازلىق سۆز قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلغان ۋە جىددىي ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى ئېلان قىلغان.

  خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرۇس 3-يىللىق ئەمەلىي ماتېماتىكا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گاۋ چيۇچيۇ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: دەسلەپ بۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندا ياتاقتا ئىدىم، ھازىرغىچە مەكتەپنىڭ كۆپچىلىكنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتكەن نۇرغۇن ئېلخېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. مەكتەپ پېچەتلىنىپ، چۈشتىن كېيىنكى دەرسلەر قالدۇرۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر