باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-تۈركىيە مەركىزىي بانكىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ پۇلىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2015.11.18 11:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈنۈگۈن تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ پۇلىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كۆلىمىنىڭ ئەسلىدىكى 10 مىليارد يۈەن ۋە 3 مىليارد تۈركىيە لىراسىدىن 12 مىليارد يۈەن ۋە 5 مىليارد تۈركىيە لىراسىغا كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئوقۇشىچە، كېلىشىمنىڭ مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللىقى ئارقىلىق ئۇزارتىلسا بولىدىكەن. مەركىزىي بانكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: ئىككى تەرەپنىڭ پۇلىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشىغا پايدا يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ئىككى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر