باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 10 - قېتىملىق 2-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى

جۇڭگونىڭ 2016-يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىنى تەشكىللەشتىكى ئومۇمىي پىكرى ۋە تەسەۋۋۇرىنى شەرھىلىدى

2015.11.17 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى 16-نويابىر تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ 2016-يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، كېلەر يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ ئومۇمىي پىكرى ۋە تەسەۋۋۇرىنى تونۇشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىنى كېلەر يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە خاڭجۇدا ئۆتكۈزىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە تەرەپلەرنىڭ ئارزۇسىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو «يېڭىلىق يارىتىشچان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، تەڭ ھەرىكەتلىنىدىغان، كەڭ قورساق بولۇشتەك دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش» نى 2016-يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى قىلىپ بېكىتتى. جۇڭگو ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش يولىدا يېڭىلىق يارىتىش شەكلى، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلىسىنى تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، كەڭ قورساق بولۇپ تەڭ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك تۆت نۇقتىلىق ساھە بويىچە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىغا تەييارلىق كۆرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى ھەر بىر ئەزا دۆلەتنىڭ 20 دۆلەت رەھبەرلىرى گۇرۇھى. جۇڭگو ئېچىۋېتىش، ئاشكارا بولۇش، كەڭ قورساق بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى قۇرۇپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، 2016-يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىدا تارىخ ۋە رېئاللىقنى بىرلەشتۈرۈش خاسلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر جۇڭگونىڭ 2016-يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى مۇھىم نۇقتىسىنى بىردەك ماقۇللىدى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر يەنە خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتى ئىسلاھاتى، باج ئېلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، خەلقئارا سودا ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق قارالمىلار بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر