باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك گېن بىرىكمىسى تەتقىقاتى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ

2015.11.18 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 17-نويابىر شېنجېندا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا يېزا ئىگىلىك گېن بىرىكمىسى چوڭ يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك گېن بىرىكمىسى تەتقىقات سەۋىيەسى ھازىر دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىكەن.2-نۆۋەتلىك خەلقئارا يېزا ئىگىلىك گېن بىرىكمىسى چوڭ يىغىنىنى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شېنجېن يېزا ئىگىلىك گېن بىرىكمىسى تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىرسىيەت ۋە يېتىلىشنى تەتقىق قىلىش ئورنى ۋە ئەنگلىيە «تەبىئەت. ئىرسىيەت ئىلىمى» ژۇرنىلى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 300 نەچچە داڭلىق ئالىم يېزا ئىگىلىك گېن بىرىكمىسى ئىلىمى، ئۇرۇق بايلىقى ۋە يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردىن ئىلمىي پىكىرلىشىدۇ.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېنجېن يېزا ئىگىلىك گېن بىرىكمىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى چيەن چيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ھازىر شال، بۇغداي، كۆممىقوناق ۋە تەرخەمەك قاتارلىق %70تىن %80كېچە بولغان مۇھىم زىرائەتلەرنىڭ گېن بىرىكمىسىنىڭ تەرتىپىنى سىناق قىلىشنى تاماملاپ، بۇ زىرائەتلەرنىڭ ئىرسىيەت گېنىنىڭ فۇنكسىيە ئالامەتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىدى، تەتقىقات سەۋىيەسى خەلقئارانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر