باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنىدا ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىقنى توختىتىش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى

2015.11.18 11:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-نويابىر سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى 2-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىنىپ، سىياسىي مۇساپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىقنى توختىتىش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بايانتچىسى خۇڭ لېي تۈنۈگۈنكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئادىل، ئوبيېكتىپ مەيداندا تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ ياخشى، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولىدۇ.

  فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە 13-نويابىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 132 ئادەم قازا قىلدى، ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ۋەقەدىن كېيىن بۇ ئىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: تېررورىزم ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس، جۇڭگو فرانسىيەنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىنى قوللايدۇ. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ۋەكىللىكىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» تېررورلۇق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشمۇ خەلقئارا تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر