- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بايلارنىڭ ئىچىدىكى%1باي دۇنيادىكى يېرىمغا يېقىن بايلىقنى ئىگىلىگەن ھەمدە پۇلى داۋاملىق كۆپەيمەكتە
2015.11.16 15:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) يېڭى تاراتقۇلاردا دىيىلىشىچە، ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتتا بايلىقى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان %1كىشىنىڭ بايلىقى بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتتىگەنلىك گېزىتى» تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شۋېتسارىيە ئىناۋەت قەرزى (Credit Suisse)نىڭ ئەڭ يېڭى «دۇنيا بايلىق دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، بايلىقى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندىكى %1كىشى ئىگىلىگەن بايلىقنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى %48تىن ئاشقان.
شۋېتسارىيە ئىناۋەت قەرزى (Credit Suisse) باي-نامراتلىقنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندىكى %1باينىڭ بىرى بولۇش ئۈچۈن 798مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىققا ئىگە بولۇش كېرەك ئىكەن.
دوكلاتتا «ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىگىلىگەن بايلىقى رەت تەرتىپىدە دۇنيا بويىچە ئارقىدا تۇرغان %50كىشىنىڭ ئىگىلىگەن بايلىقىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى نىسبىتى %1كىمۇ يەتمەيدۇ. سېلىشتۇرما بولغىنى، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى %10باي دۇنيادىكى %87بايلىقنى ئىگىلىگەن، پەقەت ئالدىنقى ئورۇندىكى %1بايلارلا پۈتۈن دۇنيادىكى %48.2بايلىقنى ئىگىلىگەن»لىكى كۆرسىتىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر