باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان تاجىكىستان شاخرىنا تىرانسفورموتور ئىستانسىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2015.10.30 15:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 27 - ئۆكتەبىر تاجىكىستاننىڭ گىسسار شەھىرىگە جاي - جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار يىغىلغان بولۇپ، ھەممىلا جاينى خۇشاللىق قاپلىغانىدى، يىپەك يولىدىكى بۇ قەدىمىي شەھەر قۇرۇلغىنىغا 3000 يىل بولغان قۇتلۇق كۈنىدە جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىسى −− ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قىممەتلىك سوۋغىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. يەنى شۇ كۈنى شاخرىنا 220 كىلوۋولتلىق تىرانسفورموتور ئىستانسىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ گىسسار رايونىدىكى خەلق بۇ تىرانسفورموتور ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا زور ئۈمىد باغلىغانىدى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشى گىسسار خەلقىنىڭ توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ تۇرمۇش بەخت كۆرسەتكۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گىسسار شەھىرىدىكى ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي يەرلىك ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ تىرانسفورموتور ئىستانسىسى ئىش ئورنىغا كېلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ تاماملانغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان ۋە ئېلىمىزنىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فەن شيەنرۇڭ تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنىڭ پۈتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لېنتا كەستى. تاجىكىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئوسمانزادە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىسمائىلوف، ئېلىمىزنىڭ تاجىكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئىقتىساد - سودا مەسلىھەتچىسى سۈن يەن، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەنلىكىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  راخمان قاتارلىقلار تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنىڭ ئاساسىي كونترول ئىشخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم ئۆز قولى بىلەن توك يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنى قوزغاتتى. ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ھەم تاجىكىستاندا پىداكارلىق بىلەن قۇرۇلۇش قىلغان قۇرۇلۇشچىلارغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تاجىكىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تېخىمۇ پائال قاتنىشىپ، تاجىكىستاننىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستاننىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر