باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى كەسپىي ئورگانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى

2015.11.16 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) يېقىندا جۇڭگو دوختۇرخانىلار جەمئىيىتى خەلق ئىگىدارلىقىدىكى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش تارماق جەمئىيىتى، جۇڭگو مېدىتسىنا ئۈسكۈنىلىرى جەمئىيىتى خەلق ئىگىدارلىقىدىكى دوختۇرخانىلار ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش تارماق جەمئىيىتى بىرلىكتە ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنى «مەملىكەت بويىچە ئەڭ قىممەتلىك خەلق ئىگىدارلىقىدىكى دوختۇرخانا» دەپ باھالىدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 38 خەلق ئىگىدارلىقىدىكى دوختۇرخانا بۇ شەرەپكە نائىل بولدى.

  ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ھەدىيە ھاشىم بۇ دوختۇرخانىنىڭ نۆۋەتتە غەربىي شىمال رايونىدا ئالدى بىلەن كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش سېكونتلۇق لازىر نۇرى ئوپراتسىيەسى ۋە كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش پىچاقسىز ئوپراتىسيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى، مەخسۇس ئورگانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىشنىڭ بېمارلارنىڭ دوختۇرخانىدىن رازى بولغانلىقىدىن ھەمدە تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەت ۋە ئۈمىت كۈتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، دوختۇرخانىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر