باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋسترالىيەدىن زور كۆلەمدە كىرگۈزۈلۈلگەن نەسىللىك قوي ئاپتونوم رايونىمىزغا ماكانلىشىپ زور قىممەت ياراتتى

2015.11.16 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئاپتونوم رايونىمىز 2013-يىلى 10-ئايدا تۇنجى قېتىم زور تۈركۈمدە كىرگۈزگەن 1344 تۇياق ئاۋسترالىيە نەسىللىك قويى 2015-يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە 10 مىليون يۈەنلىك سېتىش قىممىتى ياراتتى.

  11-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتېن ئىدارىسى ھايۋاناتلارنى كارانتېن قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى غەيرەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۈركۈم ئاۋسترالىيە نەسىللىك قويى 5 تۈرلۈك بولۇپ، تېز ئۆسۈش، گۆش سۈپىتى ياخشى بولۇش، كۆپىيىشى تېز بولۇش، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ تۈركۈم قويلار شىنجاڭدا ماكانلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى قوي نەسلىنى ياخشىلاش ۋە كۆپىيىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى گۆش قويىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، شىنجاڭنىڭ باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. نۆۋەتتە بۇ تۈركۈم ئاۋسترالىيە نەسىللىك قويلىرىنىڭ قاشادىكى سانى 3000 تۇياقتىن ئاشتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈركۈم ئاۋسترالىيە قويلىرىنىڭ كىرگۈزۈلگەندىكى باھاسى ئايرىم ھالدا ئەركىكىنىڭ 17 مىڭ يۈەن، چىشىسىنىڭ 15 مىڭ يۈەن ئىكەن. ھەزىر كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، ھەربىر تۇياق سافۇك قوزىسىنىڭ باھاسىلا ئىككى تۈمەندىن ئاشىدىكەن، ھەمدە ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىكەن. نۆۋەتتە بۇ تۈركۈم ئىمپورت قىلىنغان نەسىللىك قويلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى شىنجاڭ، شىزاڭ، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارغا سېتىلدى، بازار ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولماقتا.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر