باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كومېدىيەلىك فىلىم‹‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە››جۇڭگو–پارىژ كىنو فېستىۋالىدا نادىر كىنولار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

2015.11.18 15:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 – نۆۋەتلىك جۇڭگو – پارىژ كىنو فېستىۋالى 2015 – يىلى 10 – نويابىر فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا باشلاندى. بۇ فېستىۋالغا شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن ‹‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە›› دېگەن كومېدىيەلىك فىلىم قاتناشتۇرۇلۇپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

  ئۇقۇشىمچە، 24 – نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان بۇ فېستىۋال دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى، جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا جۇڭگونىڭ 30 – يىللاردا ئىشلەنگەن ئاۋازسىز فىلىملىرى ھەم يېقىندىن بۇيان ئىشلىنىپ ‹‹ئالتۇن خوراز›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نادىر كىنولىرىدىن بولۇپ 30 فىلىم قاتناشتۇرۇلغان.

  ‹‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە›› دېگەن فىلىم بۇ يىل سېنتەبىردە جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئالتۇن خوراز›› بەيخۇا كىنو فېستىۋالىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹مۇنەۋۋەر كىنو فىلىم›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى. بۇ فىلىم 13 – نويابىر 10 – نۆۋەتلىك جۇڭگو – پارىژ كىنو فېستىۋالىدا ئۇيغۇر تىلىدا قويۇلۇپ، پارىژدىكى كىنو مەستانىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. كىنوچىلىق ساھەسىدىكى زاتلار ھەم جۇڭگو – پارىژ كىنو فېستىۋالىنىڭ باش مۇدىرى بۇ فىلىمگە يۇقىرى باھا بېرىپ، رېژىسسور ئارسلان ئابدۇكېرىمگە ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر نادىر فىلىمى›› دېگەن خەت ئويۇلغان لوڭقىنى تەقدىم قىلدى.

  فېستىۋالغا يەنە خۇرشىدە تۇردى، ئابدۇكېرىم ئابلىز قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر