باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانى نەتىجىسى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدۇ

بۇ يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئارزۇ تولدۇرۇش باشلىنىدۇ

2015.11.18 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(http://www.xjzk.gov.cn) ياكى « شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش» ئۈندىدار سۇپىسى(xjzs140304) غا ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرى، كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزۈپ سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

  نەتىجە ئېلان قىلىنىشتىن باشقا يەنە، شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 11-ئاينىڭ 22 - كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە جەمئىي 130 چوڭلار ئالىي مائارىپى مەكتەپلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا 41 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس قاتلىمىغا 21 مىڭ، مەخسۇس كۇرس قاتلىمىغا 20 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر11- ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 12 دىن 11- ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 18گىچە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئارزۇ تولدۇرۇرسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق چوڭلار ئالىي مائارىپىغا توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 12 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلار بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 0991-8752001 (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر