باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2015.11.19 13:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاي ۋاقتى 13 – نويابىر كەچ، فىرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى نەچچە جايدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەردى. تاراتقۇلار فىرانسىيە ئەدلىيە ئاپپاراتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 129 كىشى قازا قىلدى، 352 كىشى يارىلاندى، دېدى. رۇسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ رەھبەرلىرى كەينى – كەينىدىن سۆز قىلىپ ياكى بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىگەن ھەم فىرانسىيە ۋە فىرانسىيە خەلقىگە مەدەت بەرگەن ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغان.

  تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى كۈچلۈك ئەيىبلەندى

  ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون، ب د ت يىغىنى رەئىسى لۇككېتوفت، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 13 – نويابىر ئايرىم – ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، 13 – نويابىر پارىژ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نەچچە جايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش، پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.

  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 13 – نويابىر كەچ پارىژدا يۈز بەرگەن، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەچچە قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن سەمىمىي ھال سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە خەۋپسىزلىك كېڭىشى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىدىغان تاراتقۇ نومۇرىدا: پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن قاتتىق چۆچۈدۈم، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن فىرانسىيە خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىدۇ، دېدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 13 – نويابىر پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا قىسقا سۆز قىلىپ: تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغانلار كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىش – ھەرىكىتى ئارقىلىق بىگۇناھ كىشىلەر ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلماقچى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمى نوقۇل پارىژغا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ھۇجۇم، دېدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 13 – نويابىر كەچ: رۇسىيە پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ، دېدى، رۇسىيەنىڭ ئوللاند ۋە فىرانسىيە خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 14 – نويابىر پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەم فىرانسىيەگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە: ئەنگلىيە دۇچ كەلگەن خەلقئارا تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ دەرىجىسىنى داۋاملىق ‹‹ئېغىر›› دەپ بېكىتىدۇ، دېدى.

  گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گائۇك بىلەن زۇڭلى مېركېل بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەدىن ھال سورىدى ۋە فىرانسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راجوي، ئاۋستىرىيە زۇڭلىسى فايمان، چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، گىرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس، پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا، ۋېنگرىيە زۇڭتۇڭى ئادېلې، ئىراق زۇڭلىسى ئابادى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگېرىنى، ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ قاتارلىقلار تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەم فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

  ھازىرچە جۇڭگو پۇقراسىنىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بولمىدى

  جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات مەسلىھەتچىسى ۋۇ شياۋجۈن 14 – نويابىر: فىرانسىيە ساقچى دائىرىلىرى تەمىنلىگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىرچە جۇڭگو پۇقراسىنىڭ (شياڭگاڭ – ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكى ياكى يارىلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يوق، دېدى.

  ‹‹ئىسلام دۆلىتى›› بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

  ‹‹ئىسلام دۆلىتى›› 14 – نويابىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ فىرانسىيەنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەم فىرانسىيە ئەگەر داۋاملىق ھازىرقى سىياسەتنى ئىجرا قىلسا، داۋاملىق مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ئوللاند 14 – نويابىر تېلىۋىزوردا سۆز قىلىپ: ‹‹بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ‹‹ئىسلام دۆلىتى››نىڭ قوزغىغان ئۇرۇشى، دېدى.

  فىرانسىيە ساقچى دائىرىلىرى 14 – نويابىر: تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغان كىشىنىڭ جەسىتى يېنىدىن بىر سۇرىيە پاسپورتىنى بايقىدۇق، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشقان بۇ بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر سۇرىيە تەۋەلىكىدە ھەربىي مەشىققە قاتناشقان بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

  كۆپ دۆلەت بىخەتەرلىك قوغدىنىشىنى جىددىي كۈچەيتتى

  فىرانسىيەدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ئوللاند مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى، چېگرانى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كەينىدىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ: چېگرانى تاقاشنىڭ چېگرانى باشقۇرۇش – قوغداشنى كۈچەيتىشكە ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى فىرانسىيەگە كىرىدىغان پويىز ۋە ئايروپىلانلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان؛ پارىژ ساقچى دائىرىلىرى شەھەر ئاھالىلىرىدىن سىرتقا چىقماسلىقنى مۇراجىئەت قىلغان؛ پارىژدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممە پائالىيىتى ئەمەلدىن قالغان؛ ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ۋاقىتلىق تاقالغان. بۇنىڭدىن سىرت، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى فىرانسىيەدىكى ھەر قايسى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە فىرانسىيەدە ئاچقان مەكتەپلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتكەن.

  رۇسىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 14 – نويابىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: ‹‹يېڭى تەھدىت كۆزدە تۇتۇلغانلىقتىن، رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى سىستېمىسى ئەڭ جىددىي مۇھاپىزەت ھالىتىگە ئۆتتى. پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پۇقرالارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتلىرى مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىدۇ. تۆمۈر يول ئەسلىھەلىرى، ۋوگزال، ئايروپورت ۋە ئادەملەر زىچ توپلاشقان باشقا جايلاردا قوغداش كۈچەيتىلىدۇ››، دېدى.

  ئىتالىيە ھۆكۈمىتى 14 – نويابىر بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتىنىڭ دەرىجىسىنى 2 – دەرىجىگە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم ھەربىي ئىشلار ئالاھىدە قىسىمىدىن بۇيرۇق كۈتۈشنى، چېگرا رايونلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىتالىيە – فىرانسىيە چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىكى تاشيول، تۆمۈر يول، پورت ۋە ئايروپورتلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، رىم، مىلان، تۇرىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

  تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تەھدىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، گېرمانىيە، بېلگىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر