باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندا بىر پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ 12كىشى قازا قىلدى

2015.11.19 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) پاكىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بىر يولۇچىلار پويىزى 17-نويابىر غەربىي جەنۇب قىسىمدىكى بالوچىستان ئۆلكىسىدە رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 12كىشى قازا قىلىپ، يۈزدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. شۇ جاي ھۆكۈمېتى ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بۇ پويىزدا 300دىن ئارتۇق يولۇچى بار بولۇپ، تورمۇز سىستېمىسىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى يوقىتىشى سەۋەبلىك، پويىزنىڭ 4ۋاگونى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكېستان ئارمىيە-ساقچىلىرى نەقمەيدانغا يېتىپ بېرىپ ئىزدەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر تىپتىكى ماشېنىلارنى يۆتكەپ كېلىپ قامىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزدى. نۆۋەتتە، 47يارىدار ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلاندا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 26كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. باشقا يارىدارلار قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر