باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يېڭى نورمال ھالەتنى تونۇيلى، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشايلى

2015.11.18 17:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 16 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن كارخانىلار، ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا مەسئۇللىرى، ئىقتىساد ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يۈرۈش سۆھبەت يىغىنلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق يىغىن ھېسابلىنىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى نورمال ھالەتنى تونۇپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ساغلام ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا «شېنخۇ» گۇرۇھى كۆمۈر مېيى خىمىيە سانائىتى شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، شىنجاڭ «جۇڭخې» پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «لۇڭبو» مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «شەرق ئۈمىدى» (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، جياڭسۇ «جىنشېڭ» گۇرۇھى شىنجاڭ «لىتەي يىپەك يولى» مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تاشقى سودا تىرانسپورتى چاڭجياڭ قاتناش گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى، قەشقەر «جۇڭشىڭ» پەلەي چەكلىك شىركىتى، گۈللەندۈرۈش بانكىسى ئۈرۈمچى تارماق بانكىسى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسى، جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى، شىنجاڭ «ياجۇڭ» (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، خېرىدار چاقىرىش بانكىسى ئۈرۈمچى تارماق بانكىسى قاتارلىق 13 كارخانا ۋە ئورۇننىڭ مەسئۇلى سۆز قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى 20 نەچچە چوڭ ۋە ئوتتۇرا كارخانىنىڭ ۋەكىلى يازما سۆز قىلدى. كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەم 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتتى.

  جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ۋە خاتىرە قالدۇرۇپ، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، بولۇپمۇ ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىچىلار ۋە ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل يىغىنچاقلاپ، رەتلەپ، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭى نورمال ھالەتنى تونۇپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش كېرەك. كارخانىلار ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىككى «ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى»نى تېخىمۇ چۈشىنىش ۋە ياخشى ئىگىلەش، يەنى: ئىقتىسادتا ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، كەسىپلەردە ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش؛ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىرىسلارغا تولۇق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كارخانىلار خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتەك تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نەتىجە يارىتىش؛ باشلىنىش نۇقتىسى، ئۆلچەم ۋە سەۋىيە يۇقىرى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش؛ ئەمەلىي ئىقتىسادتا سۈپەت ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، كاپىتال بازىرىنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ بايلىقلارنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېچىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قوغداپ، مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەدە كۈچلۈك رايون بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئەۋزەللىك ۋە يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، ساغلاملىق ۋە كۈتۈنۈش، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەردە نەتىجە يارىتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ بىرنەچچە يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز تىجارەت، سودا مۇھىتى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇھىتى، سىياسىي مۇھىت ۋە ئىختىساسلىقلار مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشىلاپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز شىنجاڭنى «تەستىقلايدىغان ئىشلىرى ئەڭ ئاز، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمىتى ئەڭ ياخشى» رايونغا ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئەڭ ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، ليۇ جيەنشىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر