باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4- نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئىقتىساد مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2015.11.18 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 4- نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئىقتىساد مۇنبىرى 15- نويابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر «2025 جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى »نى باش تېما قىلغان بۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى كارخانىچىلار يىغىلىپ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، بىرلىكتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جيەنشىن، تەڭرىتاغ ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ليۇ يىلېي سۆز قىلدى. مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق ئىقتىسادشۇناس ۋە داڭلىق ئالىملار، شۇنداقلا شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋۇ ۋېي بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا جۇڭگونىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، « بىر بەلباغ بىر يول » تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، جۇڭگو ياسىمىچىلىق ئەندىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مول مەزمۇنلۇق نۇتۇق سۆزلىدى.

  تەڭرىتاغ ئىقتىساد مۇنبىرى جۇڭگو تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تەتقىقات ئورنى باش بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن غەيرىي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پايدا ئالمايدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى. مۇنبەر سەۋىيەسى يۇقىرى، مەزمۇنى ئەمەلىي، تەسىرى چوڭ، ھازىرغىچە ئۈچ نۆۋەت ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەر 2011 - يىلى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى، شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنى ئاساسىي تېما قىلغان ئاساستا كەڭ ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ۋە ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى، كارخانا ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ دۇنياۋىلىشىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىر ئىش تەقسىماتىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئورۇننى ئىگەللەپ، پائال چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، پەيدىنپەي شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقىل ئامبىرى بۇلۇپ قالىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر