باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۇنجى قېتىم ساختا دەۋا دېلوسىنى بېكىتتى

دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى

2015.11.16 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 15-نويابىر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2-سەييارە سوت كوللېگىيەسى يېقىندا قەرز ماجىراسىغا ئالاقىدار نارازىلىق ئەرزىنى ئوچۇق سوت قىلىپ، سوتنىڭ ئۆزىدە نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى شاڭخەي «ئوۋباۋ» بىيو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئەرز قىلىنغۇچى لياۋنىڭ «تېلەيۋېي» ئۆي سېتىۋېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ساختا ئەرز سۇنغانلىقىنى بېكىتىپ، ئەرز قىلغۇچىنىڭ ئەرز تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان.

  بۇ دېلو ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن تۇنجى ساختا ھەق-تەلەپ دەۋاسى. دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلارنى ھەقىقىي كونترول قىلغۇچى ۋاڭ XX بىلەن «ئوۋباۋ» شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى زۇڭ XX بۇ دېلونى ئورتاق پىلانلىغانلىقىنى ئىقرار قىلىپ، ساختا ئەرز سۇنۇش قىلمىشىنى تونۇپ خاتالىقىنى تۈزىتىدىغانلىقى ۋە ھۆكۈمگە ھۆرمەت قىلىپ، جەرىمانە قويۇش قارارىغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېڭەشمە سوت يەنە «ئوۋباۋ» شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى زۇڭ XX، «تېلەيۋېي» شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى جياڭ XX، ئىككى شىركەتنى ھەقىقىي كونترول قىلغۇچى ۋاڭ XX نىڭ ساختا ئەرز سۇنۇش قىلمىشىغا قارىتا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ۋە خاتالىقىنى تونۇش پوزىتسىيەسىگە قاراپ ئايرىم بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر