باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن

2015.10.26 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) بۇ يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى (توققۇز) دا كۆپ تۈرلۈك جىنايەت نامى كۆپەيتىلدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئوقۇغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بەرسە جازا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

  جىنايى ئىشلار قانۇنى 284-ماددىسىدا يېڭىدىن كۆپەيتىپ، «قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەتلىك ئىمتىھاندا، كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشقا تەشكىللىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تكۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، بىرگە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 7يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ ھەمدە جەرىمانە قويۇلىدۇ»، «باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرگەنلەرگە ياكى باشقىلارنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن بىرىنچى قېتىملىق بەلگىلەنگەن ئىمتىھاننى بەرگۈزگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىنىش ياكى رىجىمغا ئېلىنىش جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەندى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، باشقىلارنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرگۈزسە ياكى ئۆزى باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرسە جازالىنىشى مۇمكىن، جازا ھەرگىزمۇ «مەكتەپ ئىنتىزامى بويىچە جازالىنىش»، مەكتەپتىن ھەيدىلىشتەك ئاسان بولمايدۇ، يېنىك بولغاندا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىنىدۇ يالى رىجىمغا ئېلىنىدۇ، ئەگەر «كۆچۈرۈشكە تەشكىللەش»كە تەۋە بولسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر