باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئەزا بىرمۇ قېرىنداش مىللەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايلى دېدى

2015.03.15 10:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، يۈننەندىكى چېگرا مىللىي رايوندىن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش يولىدا، بىرمۇ قېرىنداش مىللەتنى ھەرگىز سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايلى، بىرمۇ مىللىي رايوننى قوشۇننىڭ كەينىدا قالدۇرۇپ قويمايلى» دەپ ئورتاق مۇراجىئەت قىلدى.

  ئەزا لۇ جىڭ مۇنداق دېدى: يۈننەن ئۆلكىسى ۋېنشەن ئوبلاستىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مياۋزۇ ئاممىسى چەت-يىراق، ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايوندا ياشايدۇ، ئورنى بەك چەت، يېرى ئۈنۈمسىز، سۈيى بەك كەمچىل، تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن. قاتناش-مياۋزۇ قېرىنداشلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ توسالغۇ. يول راۋان بولمىغانلىقتىن، بەزى بالىلار ئوقۇشسىز قېلىپ ئۆيلىرىدە دېھقانچىلىق قىلىۋاتىدۇ، تەربىيەلىنىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىمۇ ئومۇمىي ساپانىڭ يۇقىرى بولماسلىقىغا سەۋەب بولغان.

  جىڭپو ئەزا چى دېچۈەن مۇنداق دېدى: جىڭپولار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە ھالدا سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۆتكەن مىللەت بولۇپ، نامراتلىق كۆلىمى كەڭ، نامراتلىق دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى كەينىدە قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. چى دېچۈەن گوۋۇيۈەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىڭپولار رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى قوللاپ، خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ۋاسىتە قىلىپ، جىڭپو ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى تېزدىن ياخشىلىسا، مائارىپ، سەھىيەگە ياردەم بېرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جىڭپولار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللىسا دەپ تەكلىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر