باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى لىگو بۇلتۇر كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىگە 25 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلدى دېدى

2015.03.15 10:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لى لىگو يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدا ھەر مىڭ ياشانغان كىشىنى 35 تىن 40 قىچە كارىۋاتقا ئىگە قىلىش، كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت ئەسلىھەسى بىلەن شەھەرلەردىكى بارلىق مەھەللىلەر ۋە %50 تىن ئارتۇق يېزىنى قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  لى لىگو مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ھەر قايسى ئۆلكىلەر ئىزچىل ئىجرا قىلىش ھۆججەتلىرىنى تۈزدى، مالىيە تارماقلىرى بىلەن خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى مالىيە مەبلىغى ۋە لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، 25 مىليارد يۈەننى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، كۈتۈنۈش ئورگانلىرى، مەھەللە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئۆيدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كۈتۈنۈش كارىۋىتىدا ھەر مىڭ ئادەمگە 26 كارىۋاتتىن توغرىلاپ، كۈندۈزلۈك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى بىلەن %70 تىن ئارتۇق شەھەر مەھەللىسى شۇنداقلا %37 يېزىنى قاپلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر