باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىندىن كەلگەن يېڭى سىياسەتلەر

2015.03.15 10:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، پېنسىيەگە چىقىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىچە، ئۆسۈم پىرسەنتىنىڭ بازارلاشتۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، باج يىغىش بەلگىلىمىلىرى، بىر قاتار ئامما مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتى ئاشكارىلاندى.

  پېنسىيىگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش لايىھەسىنىڭ 2015-يىلى تۈزۈلۈپ، 2017-يىلى يولغا قويۇلۇشىدىن ئۈمىد بار

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى باشلىقى يىن ۋېيمىن 10-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى، پېنىسىيگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش پىلانىنىڭ 2015-يىلى تۈزۈلۈپ، 2016-يىلى مەركەزنىڭ قوشۇلىشىدىن كېيىن جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىپ، 2017-يىلى رەسمىي يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن.

  مەملىكەتلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ بىر تۇتاش لايىھەسى 2015-يىلى ئېلان قىلىنىدۇ

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 2016-يىلى 25 ئۆلكىنىڭ ئىمتىھانى ئوخشاش چىقىرىلىدۇ

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۇيلىن 8-چېسلا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ يىل، مەملىكەت خاراكتېرلىك رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى نومۇر قوشۇش تۈرلىرى پۈتۈنلەي بىكار قىلىندى، كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكىنىڭ ئىمتىھانى ئوخشاش بولىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا كۆرسىتىپ بېرىش سانى بىكار قىلىنىدۇ، بارلىق مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتناشسا بولىدۇ.مەمۇرىي بولمىغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلاش 2015-يىلى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىدۇ

  قارار قىلىشقا سۇنغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، بۇ يىل يەنەن بىر قىسىم مۇمۇرىي تەستىق تۈرلىرى بىكار قىلىنغان بولۇپ، مەمۇرىي بولمىغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلاش پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىپ، قىلىپلاشقان مەمۇرىي تەستىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلىدۇ.

  پۇل ئامانىتى ئۆسۈمى چەكلىمىسىنىڭ 2015-يىلى قۇيۇپ بېرىلىشىدىن ئۈمىد بار

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جوۋ شياۋچۇەن 12-چېسلا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ يىل پۇل ئامانىتى ئۆسۈمىنىڭ چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش ئوقۇمى «ئىنتايىن يۇقىرى»دېدى.

  قانۇندا بەلگىلەنگەن باج يىغىش 2020-يىلىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى بو باۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قانۇندا بەلگىلەنگەن باج يىغىش شەرتلىرى ئاساسەن پىشىپ يېتىلدى. ئومۇمىي نىشان كۈچنى يىغىپ 2020-يىلىدىن بۇرۇن، قانۇندا بەلگىلەنگەن باج يىغىش پرىسىپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېدى.

  2015-يىلى بىر تۈركۈم باھا ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدۇ

  قارار قىلشقا سۇنۇلغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، پەيتنى چىڭ تۇتۇپ باھا ئىسلاھاتى قەدىمىنى تىزلىتىش. ھۆكۈمەت باھا بەلگىلىگەن گۇرۇپپا ۋە تۈرلەرنى زور مىقداردا قىسقارتىش، رىقابەت شارائىتى بولغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى پرىنسىپ جەھەتتىن قۇيۇپ بېرىش.

  مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر