باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ جاللىتى ئەيىمۋازنىڭ ئاتىسى قايغۇرۇپ: ئوغلۇم ياخشى بالا ئەمەس دېدى

2015.03.07 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نىقابلىق جاللىتى مۇھەممەد ئەيىمۋازنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرى ئاتىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

  ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى ئۆتكەن ھەپتە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئېلان قىلغان نۇرغۇن قېتىملىق تۇتقۇنلارنى قەتلى قىلىش توغرىسىدىكى ۋىدېيودىكى نىقابلىق جاللاتنىڭ كۇۋەيتتە تۇغۇلغان ئەنگلىيەلىك ئەيىمۋاز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. كۇۋەيتتە چىقىدىغان «مەشئەل گېزىتى»نىڭ 2-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئەيىمۋازنىڭ ئاتىسى ھاشىم ئەيىمۋاز 1-مارت كۇۋەيت ساقچىلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم تۇتقۇنلارنى قەتلى قىلىش ۋىدېيوسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئايالىم ئىككىمىز نىقابلىق جاللاتنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق دېدى.

  ھاشىم كۇۋەيتتىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئامبار ساقلىغۇچىسى. ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ئابۇمەشئەلنىڭ 3-مارت ئەنگلىيە« كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى» مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھاشىم ئوغلىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ داڭلىق جاللىتى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە قايغۇرغان.

  ھاشىم مەشئەلگە ئوغلى بىلەن 2013-يىلى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى، شۇ چاغدا ئەيىمۋازنىڭ تۈركىيەدىن تېلېفون بېرىپ: سۇرىيەگە بېرىپ ئىچكى ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ھاشىمنىڭ ئوغلىغا: سۇرىيەگە بېرىشتىن بۇرۇنلا بېشىڭنى يەرسەن دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن.

  ھاشىمنىڭ يەنە بىر خىزمەتدىشى كۇۋەيت تاراتقۇسىغا مۇنداق دېدى: ئەيىمۋازنىڭ جاللاتلىق سالاھىتى ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن، ھاشىم ئوغلىنىڭ ئىدىيەسى ۋە قىلمىشىدىن قاتتىق تەشۋىشلەندى. ئۇ ھە دېسىلا ئوغلىنىڭ گېپىنى قىلىپ، ئۇ بەك بەڭباش بالا بولدى، دەيتتى.

  مەسئۇل تەسۋىرلەپ: ھاشىم قائىدىلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتتىن بولغان خىزمەتداشلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدۇ. ھەر كۈنى كونا ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئۆيى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان تاللا بازىرىغا بېرىپ ئىشلەيدۇ، مائاشى تەخمىنەن مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە جىق قالمايدۇ دېدى.

  ھاشىم مەشئەلگە ئۆزىنىڭ ئوغلىنى قايىل قىلىپ نورمال تۇرمۇشقا قايتۇرۇپ ئەكېلىش ئۈچۈن كۈچىگەن بولسىمۇ، پايدىسى بولمىغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ ئائىلىسىگە ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى ئەيىمۋازنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ھاشىم ئەتىسىدىن باشلاپ ئىشقىمۇ كەلمىگەن ھەم تالاغىمۇ چىقمىغان. ئۇ: ئىشقا قانداق بارىمەن، باشقىلارغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن دېگەن.

  ھاشىم ئانىسى ۋە قىزى بىلەن كۇۋەيتتە، ئايالى لوندۇندا تۇرىدۇ. كۇۋەيت دائىرىلىرى ۋە ھاشىمنىڭ خوجايىنى: ئۇ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرسا بولۇۋېرىدۇ دېيىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر