باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل: جاڭ پىڭيىڭ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ

2015.03.08 18:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇلتۇر ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىمتىھان ئىلىپ قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتى لايىھەسىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەل تىلى پېنىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتى بار، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭغا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جىشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئالاقە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى جاڭ پىڭيىڭ يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلارنى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەنلىك، ئادەمنىڭ ماھىتىدە، كۆڭلىدە دائىم «كېيىنكى قېتىم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ»، دېگەن ئارزونى پۈكىدۇ، دېيىلىدۇ، ئەگەر ئون قېتىم ئىمتىھان بېرىلىدۇ، دېيىلسە، ئوقۇغۇچىلار تولۇق نومۇر ئالمىغان بولسىلا، ئون قېتىم ئىمتىھان بېرىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تارىخ، جۇغراپىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى گې جيەنشيۇڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: «چەت ئەل تىلىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ غايەت زور بىسىمى ئاستىدا، ھىچكىم بىرىنچى قېتىم ئىمتىھان بېرىپلا قانائەتلىنىش ھىس قىلمايدۇ، مەسىلەن: مەن 99 نومۇر ئالغان بولسام، نىمە ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان بېرىپ 100 نومۇر ئالمايمەن؟ ئۆزى ئىمتىھان بەرگۈسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن، ئەمەلىيەتتە، بىر قېتىم ئىمتىھان بېرىش ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىشكە ئۆزگىرىدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر