باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2015.03.09 15:28    مەنبە: خەلق تورى

 

pre
next

  «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گۇۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئايال قېرىنداشلاردىن بايراملىق سەمىمىي ھال سورىدى

  [شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-مارت تېلېگراممىسى] ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇ جىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گۇۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئايال قېرىنداشلاردىن بايراملىق سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، شى جىنپىڭ گۇاڭشىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى» ۋە «21-ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەگىشىپ، گۇاڭشىنىڭ دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىدىكى ئورنى يەنىمۇ گەۋدىلىنىپ، تارىخى خاراكتېرلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىش يېڭى ئەندىزىسىنى تېز شەكىلەندۈرۈشتە، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى يەنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سەھپىنى ياخشى ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىجابىي ۋە تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يەنىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىشىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېڭىز ياقىسى، دەريا ياقىسى، چېگرا ياقىسىدىن ئىبارەت كۆپ تەرەپلىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن سۇپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنى قەتئىي، توغرا ۋە جايىدا ئىشلەپ، نامراتلارنى تۈجۈپىلىك يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، تەپسىلىي ھېساباتنى ياخشى ئىشلەپ، بىرەر ئاز سانلىق مىللەت ۋە بىرەر رايوننى قەتئىي سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ تەن ساپاسى، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، كېسەللىك تۈپەيلىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ۋە قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى تىرىشىپ توسۇپ، بالىلارنىڭ ئوقۇش ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىش، ياشلارنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى پۇختا يولنى ئېچىپ، نامراتلىق ئەھۋالىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل ۋە تەرتىپلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىپ، مىللىي رايون تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا كىرگۈزۈپ، چېگرا تەرتىپىنى قانۇن بويىچە كونترول قىلىش ۋە چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەر بىر رەھبىرىي كادىر، ھەر بىر خىزمەتچى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بار قانۇنغا چوقۇم رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، خەلقنى نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتىن بەھىرلەندۈرۈش كېرەك. قانۇن بولسىمۇ ئەمەل قىلمىغانلار، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولمىغانلار، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش ۋە قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى