باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ھەرمىللەت ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2015.03.09 14:36         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!››

  8 – مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭلىق ۋەكىللەر شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئايال ۋەكىللەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللاردىن بايراملىق سەمىمىي ھال سورىدى.

  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلىسى، قازاقلارنىڭ پەي قىستۇرۇلغان مالخىيى، خۇيزۇلارنىڭ لىچىكى، شىبەلەرنىڭ چاقماق كۆڭلىكى، ئۆزبېكلەرنىڭ گۈللۈك دوپپىسى، رۇسلارنىڭ ئاق ئۇزۇن كۆڭلىكى... شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 13 ئايال ۋەكىل ئۆز مىللىتىنىڭ بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشكەنىدى. شىنجاڭلىق ئايال ۋەكىللەر ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال سۆز قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشتا ئۆزىگە خاس ئىشەنچ ۋە خىسلەتنى نامايان قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن ئايال ۋەكىللەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: شىنجاڭلىق ئايال ۋەكىللەر ئىككى يىغىندىكى گۈزەل مەنزىرىدۇر، بىز ئايال ۋەكىللەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئىپادىسىدىن شەرەپ ھېس قىلىمىز ۋە پەخىرلىنىمىز، دېدى.

  ئايال ۋەكىللەر شۇجى جاڭ چۈنشيەننى چۆرىدەپ، ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن قىزغىن پاراڭلاشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىدىكى جاپاسى ۋە ئاققۇزغان قان – تەرى توغرىسىدا كۆپرەك توختالدى.

  شۇجى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ئاياللار ‹‹يېرىم دۇنيا››، ئاياللار بالىلارنى تەربىيەلەش، ئىناق ئائىلە قۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  ئايال ۋەكىللەر بەس – بەستە شۇجى جاڭ چۈنشيەنگە ئائىلە ئىناقلىقىدىن جەمئىيەت ئىناقلىقىغىچە، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىغىچە، ياشانغانلارنى بېقىشتىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغىچە بولغان تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى...

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاياللار ئائىلىدە پەرزەنت، ئايال ھەم ئانىدىن ئىبارەت كۆپ خىل سالاھىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئاياللار ياخشى ئىش – ھەرىكىتى ئارقىلىق ئائىلىدە ئۈلگە تىكلەپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، بالىلارنىڭ قەلبىدە مىللەتنى سۆيۈش ئۇرۇقى چېچىشى، خىزمەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئالىيجاناب ئەخلاق – پەزىلىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  بىلىپ – بىلمەي يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى، كۆپچىلىك شۇجى جاڭ چۈنشيەننى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلىپ، گۈزەل مىنۇتلاردىن خاتىرە قالدۇردى.

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللارنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››تە خاس ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىدا ‹‹يېرىم دۇنيا››لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر