شى جىنپىڭ 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. بۇ شىن جىنپىڭنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتنىشىشى بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىغا بولغان غەمخورلىقىنى ئىپادىلىدى.
دۇڭشياڭ مىللىتىدىن بولغان دوست ما مەيجى
شى جىنپىڭ 2013-يىلى 3-فېۋرال چۈشتىن كېيىن گەنسۇ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئېگىز تىك تاغ يوللىرىنى بېسىپ تاغنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىكى لىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دۇڭشياڭ مىللىتى ئاپتونوم ناھىيەسى بۇلېڭگۇ كەنتىگە بېرىپ دۇڭشياڭ مىللىتى ئاممىسىدىن ھال سورىدى. كەنت ئاھالىسى ما مەيجىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا شى جىنپىڭ بۇ بىر ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالى، قورسىقىنىڭ تۇيىدىغان-تويمايدىغانلىقى، تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىلەنگەن-بەھرىلەنمىگەنلىكى، كېسەل كۆرسىتىش كاپالىتىنىڭ بار-يوقلۇقى، بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغان-ئوقۇمىغانلىقىنى سوراپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى. باش شۇجى يەنە ما مەيجىنىڭ ئىككى ئوغلىغا ئوقۇش بويۇملىرىنى سوۋغا قىلدى.